فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت ئىشلەش پىلانى تۆۋەندىكىچە:

1. لۇغەتكە كىرگۈزۈلىدىغان سۆزلۈك: تەخمىنەن 60 مىڭ ئەتراپىدا.

2. تۈرگە لازىملىق ئادەم سانى: 30 ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە تۈر يېتەكچىسى، تەھرىر، تېخنىك، تەشۋىقاتچى قاتارلىقلارمۇ بار.

3. لۇغەتكە كىرگۈزۈلىدىغان سۆزلۈك ۋە چۈشەندۈرۈش قۇرۇلمىسى: تەرجىمە قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، ھەر بىر سۆزنىڭ سۆز تۈركۈمى، خەنزۇچە، فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشلىرى ئالدىن تەمىنلىنىدۇ. مەسىلەن:

ۇقىرىدىكىدەك سۆزلۈكلەر ئامبىرىنى تەييارلاشقا تېخنىكا بۆلۈمىدىكىلەر مەسئۇل. تۈرگە قاتناشقۇچىلار پەقەت ھەر بىر فرانسۇزچە سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىلا قوشسا بولىدۇ. مەسىلەن:

سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىش چاستوتىسى 1 دىن 5 كىچە بولىدۇ. سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قانداق ئېلىش، مىسال ۋە رەسىم قوشۇش ... قاتارلىق تەپسىلاتلار تۈرگە قاتناشقانلارغا ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.

4. ئىملا: لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىشكە (كوررېكتورلۇق قىلىشقا) ئايرىم ئادەم مەسئۇل قىلىنمايدۇ. بۇ تۈرگە قاتناشقا ھەر بىرى كىشى ئۆزى كىرگۈزگەن مەزمۇنلارنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاشقا مەسئۇل بولىدۇ (يۇمشاق دېتال ۋە لۇغەتلەرنىڭ ياردىمىدە). لۇغەتكە كىرگۈزۈلىدىغان سۆزلەر ئەدەبىي تىلنى ئاساس قىلىدۇ، يەرلىك شىۋىلەر ئىشلىتىلمەيدۇ.

5. مىسال: ئامالنىڭ بارىچە، ئىسىمدىن باشقا ئاساسلىق سۆز تۈركۈملىرىگە تەۋە ھەر بىر سۆزگە كەم دېگەندە بىردىن جۈملە قوشۇپ كىرگۈزۈلىدۇ.

6. فونت: لۇغەتكە كىرگۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرچە مەزمۇنلار ئۇيغۇر-ئەرەب يېزىقى (يەنى «كونا يېزىق») دا كىرگۈزۈلىدۇ. UKIJ Tuz Tom دېگەن فونت ئىشلىتىلىدۇ، ھەرپلەرنىڭ چوڭلۇقى 12. فرانسۇزچە مەزمۇنلار ئۈچۈن Times New Roman دېگەن فونت ئىشلىتىلىدۇ، ھەرپلەرنىڭ چوڭلۇقى 12 .

7. مۆھلەت: سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە ئىشلىتىلىش چاستوتىسىنى قوشۇش ۋاقتى 5 ئاي (20 ھەپتە). بارلىق سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى پۈتكەندە، ئىشلەتكۈچىلەردىن پىكىر ئېلىش ھەم تەھرىرلەشكە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن لۇغەتنىڭ سىناق نۇسخىسى تورداشلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ. ھەمدە تەھرىرلەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىدۇ، ۋاقىت چېكى 3 (12 ھەپتە) ئاي.

8. ۋەزىپە: فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزۈشكە قاتناشماقچى بولغان ھەر بىر كىشى ئەڭ ئاز دېگەندە 1000 فرانسۇزچە سۆزنى تەرجىمە قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەمدە 20 ھەپتە ئىچىدە تەرجىمىسىنى پۈتكۈزۈپ بولىدۇ (بۇ ۋەزىپىنى ھەر ھەپتىدە 50 سۆزنىڭ تەرجىمىسىنى پۈتكۈزسە، 20 ھەپتە ئىچىدە تۈگەتكىلى بولىدۇ). ۋەزىپە قانچە تېز تاماملانسا شۇنچە ياخشى.

9. تېخنىكىلىق تەربىيىلەش: لۇغەت ئىشلەش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، لۇغەت تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تېخنىك ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلىرى يازما ماتېرىيال ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن (يۈز تۇرانە ياكى LogMeIn دېگەندەك يىراقتىن كونترول قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ياردىمىدە) تېخنىكىلىق تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ. لۇغەت ئىشلەش جەريانىدىكى تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەر قىلىدۇ.

10. يېزىق ۋە كود ئۆلچىمى: لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە مەزمۇنلار ئۇيغۇر-ئەرەب يېزىقىدا بولىدۇ. كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلار خەلقئارا Unicode UTF-8 كود ئۆلچىمىدە ساقلىنىدۇ. PC ئىشلىتىدىغانلار ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن Windows تا http://www.ukij.org/oyghan/Downloads/OyghanUyghurUnicodeIME30.EXE دىكى يۇمشاق دېتالنى قاچىلىسا بولىدۇ. MAC ئىشلىتىدىغانلار http://www.ukij.org/mac دا كۆرسىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيدۇ.

11. تارقىتىلىش شەكلى: لۇغەت دەسلەپتە «تور لۇغىتى» (مەسىلەن: http://www.uyghurdictionary.org دەك) شەكلىدە تورداشلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. كېيىن يۇمشاق دېتال ۋە قەغەزگە بېسىلغان باسما لۇغەت شەكلىدە سېتىلىدۇ. لۇغەت سېتىش ئارقىلىق كىرگەن كىرىم لۇغەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە باشقا تۈرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

12. لازىملىق قوراللار: تۈرگە قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى كومپيۇتېر تاپىدۇ. لۇغەت ئىشلەش جەريانىدا لازىم بولىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى لۇغەت تۈزۈش گۇرۇپپىسى تەمىنلەيدۇ. تەپسىلاتى پەقەت تۈرگە قاتناشقانلارغىلا خەۋەر قىلىنىدۇ.

13. سۆزلۈكلەرنىڭ ھۆججەت شەكلى: مەشغۇلاتقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، سۆزلۈكلەر Microsoft Word فورماتتا تەمىنلىنىدۇ.

14. خىزمەت خۇلاسىسى: ھەر ئاينىڭ 20-كۈنى خىزمەت خۇلاسىسى چىقىرىلىدۇ، تاماملانغان ۋەزىپىلەر ئىستاتىستىكا قىلىنىپ نەتىجىسى لۇغەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

15. ئارخىپ: تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئارخىپلاپ ساقلاشقا ئىككى كىشى مەسئۇل(مەردان مەمەت، ۋارىس ئا. جانباز). لۇغەت تۈزۈشكە قاتناشقانلار تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرسا بولمايدۇ. تەرجىمە مەزمۇنىنى ئارخىپلاپ ساقلىغۇچىلار تۈرگە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ رۇخسىتىسىز تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇنلارنى باشقىلارغا بەرسە ياكى ھەر خىل شەكىلدە (تور، باسما ...) تارقىتىۋەتسە بولمايدۇ.

16. ماتېرىياللار: پايدىلىق ماتېرىيال توپلاشقا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن، لۇغەت تۈزۈشكە قاتناشقان ھەر بىر كىشى ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك لۇغەتلەرنى تەييارلاش ۋەزىپە قىلىندى(مەسىلەن: قانۇن كەسىپىدىكىلەر ئۇيغۇرچە قانۇنشۇناسلىق لۇغىتى تەييارلايدۇ دېگەندەك).

17. ئاپتورلۇق ھوقۇقى: لۇغەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى بۇ تۈرگە قاتناشقانلارغا ئورتاق تەۋە. لۇغەت تۈزۈشكە قاتناشقانلار گۇرۇپپىنىڭ رۇخسىتىسىز سۆزلۈكلەرنى ئۆز مەيلىچە ئاشكارىلىسا، تور ياكى باشقا ئۇسۇللاردا تارقاتسا، پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلىپ ساتسا ياكى ھەقسىز تارقىتىۋەتسە بولمايدۇ. لۇغەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا لۇغەت تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ كوللېكتىپ قارار چىقىرىدۇ.

18. ئىقتىساد ۋە ئىش ھەققى: لۇغەت ئىشلەشكە ۋاقىت ياكى كۈچ چىقىرالمايدىغانلارغا، فرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بۇ تۈرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئېھتىمالى بار ئورۇنلارغا، چەتئەللىك دوستلارغا ... بۇ تۈر ئۈچۈن ئىئانە قىلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئىئانە يىغىلسا، يىغىلغان ئىئانە تۈرگە قاتناشقانلارغا ئىش ھەققى سۈپىتىدە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىئانە يىغىلمىسا ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ.