بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان «فرانسۇزچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» تور بېكىتىگە خۇشكەلدىڭىز!

ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق مىللەت بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت ياكى دەرسلىك ئىشلەنمىگەن بولغاچقا فرانسۇز تىلى ئۆگىنىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز باشقا تىللارنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق فرانسۇزچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۇيغۇرلار ئىچىدە فرانسۇزچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان نۆۋەتتىكى ھالەتتە، تىل كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقانلارغا ئاسانلىق يارىتىش ھەم ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، فرانسۇزچە ئۆگىنىپ مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزۈشنى باشلىدۇق.

فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزۈشتە ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىش مەقسەت قىلىنمىدى. بۇ تۈرگە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىشىڭىزغا مۇھتاج.

بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز. بىزنى قوللىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قوللىغىنىڭىز...