ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان؛ بۇ تۈر ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالايدىغان؛ تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بار؛ لازىم بولغاندا لۇغەت ئىشلىتىپ فرانسۇزچە سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدىغان ھەر قانداق كىشى، ھەر قانداق دۆلەتتىن لۇغەت تۈزۈشكە قاتناشسا بولىدۇ.

بۇ تۈرگە قاتناشسىڭىز تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن پايدا تاپالايسىز:

- ئىسىم-فامىلىڭىز لۇغەت تۈزگۈچىلەر ياكى ياردەم قىلغانلار تىزىملىكىگە قوشۇلىدۇ؛
- لۇغەت تۈزۈش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق قوراللاردىن ھەقسىز پايدىلىنالايسىز؛
- ئاپتورلۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالايسىز؛
- لۇغەت تۈزۈش ئارقىلىق فرانسۇزچە سەۋىيىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز؛
- تەرجىمە قىلغان ھەر بىر سۆز ئۈچۈن 5 سېنت ھەق ئالالايسىز (ھەر 1000 سۆز تەرجىمە قىلغاندا 50 ياۋرو يوللىنىدۇ).

بۇ يەرنى بېسىپ تەرجىمە مىسالىنى كۆرۈڭ.

قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ يەرنى بېسىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.