1€ ئازلىق ياكى €100 كۆپلۈك قىلمايدۇ، بىزنى قوللىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قوللىغىنىڭىز.

فرانسۇزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزۈشتە ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىش مەقسەت قىلىنمىدى. ئەمما، بۇ تۈرگە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىشىڭىزغا مۇھتاج. تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى تاللاپ ياردەم قىلغاندىن كېيىن كاسسىر مۇقەددەس مىجىت غا خەۋەر قىلىپ قويۇڭ، رەھمەت.

قىلماقچى بولغان ياردىمىڭىز تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:

- لۇغەت تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە لازىملىق لۇغەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش
- لۇغەت تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش
- لۇغەت تور بېكىتىنىڭ بوشلۇقىنى سېتىۋېلىش
- لۇغەت يۇمشاق دېتالىنى ياسىتىش
- لۇغەتنىڭ قەغەزگە بېسىلىپ تارقىتىلىدىغان نۇسخىسى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش
- ئەگەر يۇقىرىدىكىلەرگە يېرىپ ئېشىپ قالسا، لۇغەت نۇسخىسىنى يېڭىلاش ۋە باشقا يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش.

Payment methods       Payment methods



چەك ئارقىلىق ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمىغا MUKADASI MIJITI نى يېزىپ تۆۋەندىكى ئادرېسقا پوچتىدىن ئەۋەتىڭ؛

MUKADASI MIJITI
64 rue Olivier de Serres
75015 Paris

كىتاب، لۇغەت قاتارلىق لۇغەت تۈزۈشكە پايدىلىق ماتېرىياللارنى ئىئانە قىلماقچى بولسىڭىز يۇقىرىدىكى ئادرېسقا پوچتىدىن ئەۋەتىڭ.

نەق پۇل ئارقىلىق ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چېكىپ بۇ تۈرگە قاتناشقان خالىغان كىشىگە بېرىپ قويۇڭ.

Paypal ئارقىلىق پۇل ئەۋەتىپ ياردەم قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان دۆلەتلەردە بولسىڭىز بۇ يەرنى چېكىپ خالىغان كىشى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىئانە سوممىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياكى يۇقىرى چېكى يوق. ئىئانە قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالايدىغانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئىئانە سوممىسى تۆۋەندىكى تىزىملىكتە ئېلان قىلىنىدۇ.

ماددىي ياردەم بەرگەنلەر

  • غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىنىڭ لۇغەت تۇزۇش گۇرۇپپسىدىكى ھەر بىر ئەزاغا 10 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى(جەمئىي 200 دوللار قىممىتىدە) ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى سوۋغات قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت.
  • ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ 50 ياۋرو ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت.
  • بارات قۇربانجان ئەپەندىنىڭ 50 ياۋرو ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت.
  • ئېزىز ئوسمان ۋە ئابدۇۋەلى ھېكىم ئەپەندىلەرنىڭ 200 ياۋرو ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت (2008.4.30).
  • ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت (2008.6.22).
  • قۇربان ھېيتلىق يىغىلىش تا ئىختىيارىي ھەم نامسىز ئىئانە قىلغانلارغا رەھمەت: 61 ياۋرو (2008.12.21).
  • باھارگۈل زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ 1000 ياۋرو ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت (2009.3.5).
  • ئىسمىڭىزنى قوشۇڭ...

چىقىم

لۇغەتنىڭ تور نۇسخىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن 300 ياۋرو ئىشلىتىلدى. بۇ تۈرنى مەردان مەمەت ئەپەندى جىددىي ئىشلىمەكتە... (2009.1.17)

تەشەككۈرلەر

«فرانسۇزچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالەتەن ياردىمىڭىزگە رەھمەت ئېيتىپ،


مۇقەددەس مىجىت، باش يېتەكچى


ۋارىس ئا. جانباز، باش يېتەكچى