ئۇيغۇر كۇلۇب - powered by Ouigour CLUB

ئۇيغۇر كۇلۇب » ئۇيغۇر كۇلۇب
≡ ئۇيغۇر كۇلۇب مۇنبەر قوللانمىسى ≡


  ئەسسالام ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق،كۈنۈڭلارنىڭ مەنىلىىك ئۈتۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!
 
  تور كۇلۇبىمىز قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىدى،شۇڭا مەيلى ئۇچۇر جەھەتتىن بولسۇن ياكى پايدىلىنىش قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن تورداشلانىڭ  تەلىپىنى تۇلۇق قاندۇرالمىدى،بۇ پەقەت ۋاقىتلىق مەسىلە،بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز،شۇڭا  دوسلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ تور كۇلۇبىمىزغا ياخشى تەلەپ- پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىشىنى ۋە يېڭى ئۇچۇر ۋە پايدىلىق ماتېرىياللارنى يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
   
  مۇنبەرنىڭ بىرقىسىم قائىدە - نىزىملىرى :
        1 .تور كۇلۇبىمىز ئاساسلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش ،تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە  قۇرۇلغان،شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ  سىياسى ۋە ھەرقانداق شۇ دۆلەت قانۇن-نىزاملىرىغا زىت بولغان تېمىلارنى يوللاماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن(ئەگەر شۇنداق تېمالار بايقىلىپ قالسا بىردەك ئۈچۈرىۋىتىلىدۇ ۋە شۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە شۇ تېمىنى يوللۇغۇچى ئۆرى ئىگە تور كۇلۇبىمىز ئېچقانداق مەسھۇلىيەتنى ئۆرئۈستىگە ئالمايدۇ!).
      2. تورداشلارنڭ مەيلى تېما يوللىغاندا بولسۇن ياكى ئىكاس قايتۇرغاندا بولسۇن چوقۇم ئىملاغا ئالاھىدە دېھقەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
      3.ئەگەر سىزنىڭ يوللىغان تېمىڭىز باشقا مۇنبەردىن ياكى توربەتلەردىن ئېلىنغان بولسا  ئەسكەرتىش قىلىپ قۇيىشىڭىزنى ۋە كىلىش مەنبەسىنى ئېنىق يېزىپ قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
   
            مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى: 
    مۇنبەر ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار،مىنىڭچە كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان!(ئەگەر  ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇقالماي قالغان يەرلىرىڭىز بولسا باشقۇرغۇچىلار ئىشخانىسىغا خەت قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)
 
    مۇنبەرنىڭ مۇزىكا قۇيۇش ئىقدىدارى:  سىز  تور بېكىتىمىزنىڭ باش بېكىتىگە كىرىپ [كۆڭۈل ئېچىش] قا كىرسىڭىز  كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىدا بىر ناخشا قويغۇچ چىقىدۇ،ئاندىن سىز يەنە شۇ كۆزنەكتىن مۇنبەرگە كىرسىڭىز  كۆزنەك ئاستىدىكى ناخشا قويغۇچمۇ بىللە چىقىىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سىز بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن مۇنبەردىكى مەشغۇلاتىڭىزنى قىلالايسىز(ئەگەر تور سۈرئىتىڭىز ئاستىراق بولسا بەلكىم ئۇزۇقراق ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن)
    ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ  تور كۇلۇبىمىزنى قوللىغىنغا رەھمەت ئېيتىمەن!   

ئاپتور:ouigour ۋاقتى:07-09-2007 07:38


Total 0.511860(s) query 3, Time now is:03-29 11:20, Gzip enabled
Powered by PHPWind v5.3 Uyghur virsion by UYPHP Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation